تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋى شىركەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە باشلىغان
2023.05.17
«ياخۇ ئىقتىساد خەۋەرلىرى» نىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا «500 چوڭ سەرمايە» (Fortune 500) تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى نۆۋەتتە ئارقىمۇ-ئارقىدىن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە باشلىغان. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ئويلاشقىنى «سىياسىي ۋە ئىناۋەت جەھەتتىكى خەتەر» ئامىلى بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر خىتاينى يېقىن كەلگۈسىدىكى 30 يىلدا ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدىن ھالقىپ دۇنيادىكى بىرىنچى زور ئىقتىساد ساھىبىغا ئايلىنىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئەمما ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بۇ تەسەۋۋۇرغا ئېغىر سايە تاشلىغان. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياۋى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بولغان «ئالى بابا» گۇرۇھىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشى، «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قامال سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى ۋە بۇنى ئۇشتۇمتۇتلا بىكار قىلىشى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدا ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە پۈتۈنلەي غەرب دۇنياسىغا قارشى مەۋقەدە بولۇشى دېگەنلەر تېخىمۇ كۆپ غەرب شىركەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئالاقىنى قايتا ئويلىشىشقا ئۈندىگەن.
خىتاينىڭ يېڭى بىر ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى نۆۋەتتە غەربتىكى دۇنياۋى شىركەتلەرنى خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن توسۇپ قېلىۋاتقان بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان. «سەرمايە» تورىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە دۇنيادىكى 500 چوڭ شىركەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن راي سىناش پائالىيىتىدە شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ 41 پىرسەنتى خىتايدىكى سىياسىي مۇھىت ۋە ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇنداق قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ساھەدىكىلەر بۇ ھالنى «خىتاي بىلەن بولىدىغان ئاجرىشىش» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان بولسىمۇ يەنە بەزىلەر بۇ خىل «ئاجرىشىش» نىڭ قىممەتكە چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقانلىقى مەلۇم.









