دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 20-مارت ، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئاۋسترالىيەگە بېرىپ ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ (Penny Wong) بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاۋسترالىيەنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان. يەنى قۇرۇق گەپ بىلەنلا ئەمەس ، كونكرېت ھەرىكەتلەر بىلەن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ بېيجىڭنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارىتى بولۇپ مەزكۇر ئىككى نەپەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 7-نۆۋەتلىك ئاۋسترالىيە-خىتاي دىپلوماتىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتىگە قاتنىشىپ ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: « ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېقىنلاشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا شاھىت بولۇش كىشىنى تۇلمۇ ئەندىشىلەندۈرىدۇ. بۇ، ۋاڭ يىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى مىنىستىر پېننىي ۋوڭ ئۈچۈن قۇرۇق گەپ بىلەنلا ئەمەس ، كونكرېت ھەرىكەتلەر بىلەن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ياخشى پۇرسەت .»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرغان شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ماگنىتسكىي (Magnitsky) قانۇنىغا ئوخشاش جازا قانۇنلىرىنى يولغا قويۇپ ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەسئۇل خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتتا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەم ئۇيغۇر جامائىتىنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىدىن قوغداش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

19-مارت، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتى بىناسى ئالدىدا ۋاڭ يىنىڭ كانبېررا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.