دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-ئىيۇل ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىردى

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشكە چاقىردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاينىڭ چەتئەللەردىكى 20 نەچچە شەھەرگە تارقالغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قىلغان مۇراجىئىتىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغان كۈننى ‹قانلىق يەكشەنبە› دەپ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى. بىز بۇ كۈنى يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن نامايىش قاتارلىق ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

«5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى.

مەزكۇر نامايىش دائىرىلەر ساقچىلارنى ئەۋەتىپ قانلىق باستۇرغانلىقى سەۋەبلىك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئېلان قىلىشىچە 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان.

نامايىشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم نامايىش قاتناشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان. ۋەقە جەريانى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تىنتىش ھەرىكەتلىرىدە تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.