دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە سوتىغا سۇنغان ئەرزىدە غەلىبە قىلدى

6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەنگىلىيە ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا چەكلىمە قويماسلىق ھەققىدە 2023-يىل چىقارغان قارارى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. نەتىجىدە ئەنگىلىيە ئالىي سوتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان «دۇنياۋى قانۇن ھەرىكىتى تورى» (GLAN) بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غەلىبە قىلغان.

ئەنگىلىيە ئالىي سوتىنىڭ ئىلگىرىكى قارارىدا، ئەنگىلىيە جىنايى ئىشلار ئىدارىسى (NCA) ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا بولاتتى. بۇ قېتىمقى قاراردا، ئەگەر ئەنگىلىيەدىكى بىر شىركەت «جىنايەتكە شېرىك» ھالدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر مالنى ئىمپورت قىلغان بولسا، مەسىلەن، بۇ مال ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان بولسا، مەزكۇر شىركەت سودا جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 27-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ، دۇنيادا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولغان ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇزۇشقا مۇناسىۋەتلىك سوت دېلوسىدۇر. شىركەتلەر ئەمدى ئۆزىنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلايدۇ، يا بولمىسا ئەرز قىلىنىش خەتىرىگە ئۇچرايدۇ».

«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لوك پۇلفورد ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا بۇ غەلىبىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە جىنايى ئىشلار ئىدارىسىگە قارشى ئەرزىدە غەلىبە قىلدى. ئەنگىلىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى» دېگەن.

ئىككى يىل بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەنگىلىيە سوتىغا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، مەزكۇر سوت ئۆتكەن يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق قارار چىقارغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە سوتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ قايتا ئەرز سۇنغانىدى.

2024-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دۇنياۋى قانۇن ھەرىكىتى تورى (GLAN)، قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئەنگىلىيە ئالىي سوتىنىڭ 2023-يىل ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ياقلاپ چىقارغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.