دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھاشار مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر ئورگان دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان لاۋ گەي يەنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى خەلقئارادا كەڭ تونۇلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ئىزچىل ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھاشاردىن ئىبارەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ خەلقئارادا ياخشى بىلىنمەيدىغانلىقى، بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ بىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھېلىھەم ئوخشىمىغان نام ۋە شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ھەرقايسى ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشارغا تۇتۇلۇش مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندىگەن.
بىز بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھەققىدە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق خەۋەر بېرىمىز.
