دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.06

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىقىغا 2-قېتىم كۆرسىتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، كانادا پارلامېنت ئەزاسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالېكسىس برۇنېل دۇكىپ (Alexis Brunelle Duceppe) بىلەن ئىتالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئىتالىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇلىيو تېرزى (Giulio Terzi) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا سۇنغان.

نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھەققىدە سۇنۇلغان خەتتە، «ئۇيغۇر خەلقى قەبىھ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلماسلىق ئۇسۇلىنى تاللىغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىشى، بەلكى ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىشى كېرەك ئىدى دەپ قارىۋالماسلىقى كېرەك. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن قىممەتلىك ئىلھام بولۇپ قالغۇسى» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئاخباراتتا، «مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى مۇستەبىتلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنالدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئەيىبلىشى، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە سەل قارىماسلىقى ۋە ئۇنى جازاسىز قويماسلىقى كېرەك» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.