7-فېۋرال كۈنى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەمىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئالېكس دۇسېپ (Alexis Duceppe) نورۋېگىيەدىكى «ياش لىبېراللار تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئانى برېيۋىك (Ane Breivik) بىلەن بىرلىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزانلىقىغا كۆرسەتتى.
د ئۇ ق بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدىكى جاپالىق خىزمەتلىرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ قېتىمقى نامزات كۆرسىتىش د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىكى بىر زور نامايەندە بولۇپ قالدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق نى بۇ قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشتە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىش يوللىرىدىكى خىزمەتلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى بايراقدار ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنۇشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان. نامزاتلىق مەكتۇبلىرىنىڭ بىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ «د ئۇ ق ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ پۇقراۋى ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا توختاۋسىز رەۋىشتە كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتى ئۈچۈن 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشقا مۇناسىپ» دېيىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇننى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى چىقارغان دوكلاتتا «ئىنسانىىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان ئىدى.
