دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رامىزاننىڭ 1-كۈنى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق رامىزاننىمۇ ھەر خىل چەكلىمىلەر ئىچىدە كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 3-ئىيۇن كۈنى قەشقەر ۋە ئاقسۇدا كىشىلەرگە روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى:«بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رامىزان ھارپىسىدىن باشلاپلا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەسچىتلەرگە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتكەن. قەشقەر ۋە ئاقسۇدىن تاپشۇرۇۋالغان مەلۇماتلاردىن، مەسچىت ئالدىدىكى كوچىدا يولدىن ئۆتكەنلەرگە رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتىنى سۆزلەپ، رامىزان تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 17 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.»
ھازىرچە بۇ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنڭ تەپسىلاتى ۋە جەريانلىرى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن، رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى يەنە ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ھەرقايسى جايلاردا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ 2-ئىيۇندىكى ئۇقتۇرۇشىدا «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش قورۇمىغا تولمىغانلار بىردەك روزا تۇتۇشقا ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دېيىلگەن. ھالبۇكى خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئىشخانىسى 2-ئىيۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنىڭ ئەڭ ئەركىن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
