دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى «زامانىۋى دىپلوماتىيە» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، گىئانكارلو ئېلىيا ۋالورىنىڭ ياۋروپادىكى «زامانىۋى دىپلوماتىيە» ناملىق توردا ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە د ئۇ ق نى قارىلاپ ئېلان قىلغان ماقالىسىگە رەددىيە بەردى.
گىئانكارلو ئېلىيا ۋالورى ماقالىسىدە، د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ 4 ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شەرقى تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش، ئۇلارغا مەبلەغ توپلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ۋالۇرى، ئۇلارنىڭ 1-مەقسىتى «خىتاينىڭ غازاتچىلار تورىغا قارشى ئىستىخبارات سىگنالىنى يېپىش ۋە بۇرمىلاش» دېگەن ئىدى.
بىراق، د ئۇ ق ئۆزىنىڭ مەزكۇر توردا ئېلان قىلغان «بىزنىڭ مەيدانىمىز» ناملىق رەددىيە ماقالىسىدە، ۋالۇرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى رەت قىلىپ، «د ئۇ ق ھېچقاچان بۇنداق ئىشلارغا ۋاستىچىلىق قىلىپ باقمىدى ياكى ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلاپ باقمىدى. ئۇ زوراۋانلىقنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلدى» دېگەن.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينى ھېچقاچان غەرب دۇنياسىدىن يەكلەشكە ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغان. ماقالىدە يەنە، «ئەكسىچە د ئۇ ق خىتاي (غەرب) بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئالاقە قۇرسا، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ، دەپ قارايدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىغا ئوخشاش قاناللار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا بىلەن ماسلىشىش، ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بىر مەسىلە» دېيىلگەن.
ۋالۇرى ماقالىسىدە، د ئۇ ق ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ 2-مەقسىتى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى غەرب دۇنياسىدىن يەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتىش» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
