د ئۇ ق: تايلانتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.03.04

د ئۇ ق جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن قاتتىق ساراسىمغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاند ساقچىلىرى بانكوكتىكى بىر مەركەزدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 6 ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئۇرغان.

د ئۇ ق باياناتىدا يەنە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇ كىشىلەرنىڭ يارىسىنى داۋالاشقا يول قويمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۆمەر ئوسمان، مۇھەممەت يۈسۈپ، ئالى مۇھەممەت، ئابلىكىم، ئابدۇلئەزىز ۋە ياسىن ئىسىملىك 6 نەپەر ئۇيغۇر بانكوكتىكى بىر تۇتۇپ تۇتۇش مەركىزىگە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلار بىلەن بىللە سولاپ قويۇلغان.

29 - فېۋرال، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سېرىق كاسېت كۆرىشى ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ ئۇلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلغان. نەتىجىدە، ساقچىلار ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۇرغان. د ئۇ ق نىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋەقەدە بىرىنىڭ ئېغىر، بىرىنىڭ يېنىكرەك 2 ئۇيغۇرنىڭ بېشى يارىلانغان. قالغان 4 ئۇيغۇرنىڭ بەدىنىگە تاياق تەگكەن.

د ئۇ ق تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈرىدى.

د ئۇ ق نىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىر 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاندتىكى ئوخشىمىغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قاماپ قويۇلغان. تايلاند ھۆكۈمىتى 2015 - يىلى 8 - ئايدا 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، د ئۇ ق ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

د ئۇ ق باياناتىدا، تايلاندنى خەلقئارا قانۇن ۋە مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.