دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى تور قورالىنى تونۇشتۇردى
2023.08.08
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارمىقىدىكى «ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» (UZDM) يېقىندا ئېچىلغان ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا «سىزمۇ ئاۋاز قوشۇڭ: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن قورال-خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرىغا قارشى ئەڭ ياخشى تەجرىبە» ناملىق قوللانمىنى رەسمىي تونۇشتۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مەركەزنىڭ مەسئۇللىرىدىن زۇمرەتئاي ئەركىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ: «خىتاي ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قوللانما بولسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۇلار دۇچ كېلىدىغان خەتەرلەر بويىچە تەربىيەلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى بۇ ھەقتىكى ئېنىق ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قوللانمىنى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىش بەدىلىگە لايىھەلەپ چىققان. بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى كۆزگە كۆرۈنگەن رەسسام يەتتىسۇ بىر قوللۇق ئىشلەپ چىققان. بۇ قوللانما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۆز خىزمىتىنى داۋام قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش يولىدىكى تۈرلۈك نەيرەڭلىرىنى ۋە تەھدىتلىرىنى بەربات قىلىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى ساقلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.
«ئەركىنلىك سارىيى» 2021-يىلى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتتا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇملىرى بەكمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم نىشان بولۇپ قالغان. بۇ قوللانمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ ساھەدىكى بېسىمنى تۈگىتىشتە مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارالماقتا. مەزكۇر قوللانما توردا رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋېتىلگەن.









