دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشى كېرەك»
2024.02.14
2024-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى جەيمىسسىتون فوندى (Jamestown Foundation) تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ (Volkswagen) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋولكىسۋاگېننى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋولكىسۋاگېن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. لېكىن، دوكتور ئادرىيان زېنز ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىدى. بۇ ۋولكىسۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىشى ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى كېرەك».
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاش شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى دائىرىسىدە تىجارەت قىلىدىغان شىركەتكە نىسبەتەن، ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ ھەرىكىتى قوبۇل قىلغۇسىز ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەخلاقسىزلىق ۋە نومۇسسىزلىقتۇر. ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇنىڭغا جاۋابكار بولىدىغان ۋاقتى كەلدى» .
بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغانىدى. 2022-يىلى دېكابىردا ئەنگلىيە شېفىلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) تەتقىقات گۇرۇپپىسىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيادىكى ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەڭ ئالاقىسى بارلىقى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.









