د ئۇ ق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان شەكىللەردە دونالد ترامپنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۇنى قۇتلۇقلىدى. شۇ قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) مۇ 6-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ ئەپەندىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ئۇلار بايدېن ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشتە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ: «بۇ تەدبىرلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەمەلىي بىر قەدەم بولدى» دېيىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار يەنە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈشنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق ئاڭلىنىپ تۇرۇشنى ئىستەيمىز» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باش جىنايەتچىسى، دەپ قارىلىۋاتقان شى جىنپىڭمۇ خۇددى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە دونالد ترامپنى تەبرىكلىگەن ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ساغلام راۋاجلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا «بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېيىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا شاھىت بولغان دونالد ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا يېڭىپ چىقىشى خىتاي كۆرۈشنى خالىمايدىغان مەنزىرە، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور رىقابەتكە توشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.