ئەل-جەزىرە: «‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ساختا تېرورلۇق ئۇرۇشى قوزغىشغا پۇرسەت تۇغدۇرغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.09

قاتاردىكى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تورىدا 8-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ساختا «تېرورلۇق ئۇرۇشى» قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ماقالىنى ئامېرىكادىكى «ئولد دومىنىئون ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، «خىتايدا ئىسلامنى شەرھىيلەش: ھەج، مۇقەددەس كىتاب ۋە خەن كىتابىنىڭ تىلى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى كرىستېن پېتېرسون يازغان.

ئۇنىڭ «‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ساختا تېرورلۇق ئۇرۇشى قوزغىشىقا قانداق ياردەم قىلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، 2001-يىلدىكى «11-سېنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمى» دىن كېيىن ئامېرىكانىڭ خىتاي ئېيتقان «ئۇيغۇر تېرورىزىمى» نى قوبۇل قىلىشى، ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇلۇشىغا يول ئاچقان ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى توغرىسىدا قانۇنلىق ئەندىشىلىرى بولسىمۇ، بىراق بۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچى ئازلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كرىستېن پېتېرسوننىڭ ئېيتىشىچە، ئ‍ۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئامېرىكا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى «تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى خەلقئارادا قوبۇل قىلىشتا ئوينىغان ئاچقۇچلىق رولىنى ئىنكار قىلالمايدىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى ئۆتكەن يىلى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.