تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى ئېلون ماسك (Elon Musk) 4-ئاينىڭ 29- ۋە 30-كۈنلىرى خىتايغا سودا زىيارىتى قىلىپ، تېسلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىش ھەمدە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيەتلىرىدە بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدە ھەمكارلاشماسلىق، خىتايغا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىپ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، تېسلا خوجايىنىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەملەرنى بېسىشى غۇلغۇلا قوزغىغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 29-ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېسلا شىركىتىنىڭ ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى تېسلانىڭ نۆۋەتتە باشقا توكلۇق ئاپتوموبىللار بىلەن بولغان رىقابەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاۋاتقان مۇھىم تېخنىكا بولۇپ، ئەگەر تېسلا شىركىتى خىتاينىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتسە، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سودىسى تېخىمۇ گۈللىنىدىكەن. تېسلانىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك خىتايدىكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، تېسلانىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن قىلغان سۆزىدە، تېسلا شىركىتىنىڭ پەقەت ئاپتوموبىل شىركىتى بولۇپلا قالماي، يەنە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خىتايدىكى تېسلا ماشىنىلىرى 4 يىلدىن بۇيان «بەيدۇ» شىركىتىنىڭ يول باشلىغۇچ سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىكەن.
خىتاي ماشىنىسازلىق جەمئىيىتى تېسلادىن باشقا خىتاينىڭ بىيادى ۋە نىيو قاتارلىق بەش توك ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش تېخنىكىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بىيادى ۋە نىيو توك ئاپتوموبىلى شىركىتى نۆۋەتتە تېسلا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ھەمدە باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن دۇنيادا كۆپ سېتىلىۋاتقان ماشىنىلارغا ئايلانغان.
ھازىر تېسلا شىركىتىنىڭ خىتايغا يەنە قايسى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش بەدىلىگە ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدەش سىستېمىسىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ تېسلاغا ئوخشاش چەت ئەل شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش بەدىلىگە قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا بازار ئېچىپ بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 2023-يىل 10-ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، تېسلا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
