ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدار خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، سابىق شەھەر باشلىقى مەمتىمىن بەكرى يېقىندا «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان» دېگەن ئەيىبنامە بىلەن «قوش تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. ئالاقىدا ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «قوش تەكشۈرۈش» ئادەتتە پارتىيە ئەزاسى بولغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى بىرىنچى قەدەم ھېساپلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەمتىمىن بەكرى ئىزچىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ ھەتتا بىرنەچچە قېتىم ئاشكارا ماقالە يېزىپ: «بىر قىسىم مىللىي كادىرلار ‹تېرورلۇق ۋە ئ‍ەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى› دە پاسسىپلىق قىلىپ كەلمەكتە. بىز بۇ خىل خاھىشنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز لازىم» دېگەن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنى مۇشۇ تەرىقىدە «ساداقەتسىزلىك» تە ئەيىبلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىسى چېن پوكوڭ «ئۇيغۇر كادىرلار قانچىلىك جانپىدالىق بىلەن خىزمەت قىلسىمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزەرىدە ئۇلار مەڭگۈ گۇمانلىق. نۇر بەكرىنىڭ قىسمىتى بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى» دېگەن ئىدى.

11-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» قارمىقىدىكى دۆلەت بايلىقىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ دوڭيانىڭ «ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق قىلغان» لىقى سەۋەبىدىن رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ھازىرچە ئۇنىڭ قانداق جىنايىتى بارلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.