ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۇنجى كۆلەملەشكەن ئەمگەك كۈچى مۇلازىمەت بازىرى ئېچىلىدىكەن
ئۈرۈمچىنىڭ تۇدۇڭخابا رايونىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۇنجى كۆلەملەشكەن ئەمگەك كۈچى مۇلازىمەت بازىرى ئېچىلىدىكەن.
«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 3-ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت باغچىسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەمگەك كۈچى بازىرىنى تۇدۇڭخابا رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسى قۇرغان بولۇپ، شۇلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. لېكىن مەزكۇر ئەمگەك كۈچى بازىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورگانلىرىنىڭمۇ قوللىشى ۋە يېتەكلىشىگە ئېرىشكەن ئىكەن
مەلۇم بولۇشىچە، ئەمگەك كۈچى بازىرى ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېچىلىدىكەن. ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش چوڭ خەلقئارا مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە كىرىشكەن مەزگىلدە ئېچىلىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تېخى يېقىندىلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر ئەمگەك كۈچى بازىرى «شىنجاڭدىكى ئادەم كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان كارخانا ۋە ئورۇنلارنى ئادەم كۈچى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي باغچە» ئىكەن. خەۋەردە بۇ باغچىنىڭ «تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ كەسپىي ئادەم كۈچى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ‹يېڭى قان› يەتكۈزىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.