ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەن خىتاي يازغۇچى قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.06.12

خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش  تۈزىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىتايدىكى بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرى ھەققىدە فىلىم ئىشلىگەن بېيجىڭلىق يازغۇچى قولغا ئېلىنغان.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دۇ بىن ئىسىملىك بۇ  خىتاي يازغۇچى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ توختاملىق فوتوگرافى ئىكەن.

دۇ بىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇنىڭ دوستى چارشەنبە كۈنى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» گە ئۇقتۇرغان.

دۇ بىننىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئىككى پارچە ئىمزا قويۇلمىغان  قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇ بىن يېقىندا لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان «ماسەنجيا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى» ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان.

«ماسەنجيا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى» غا ئاساسەن فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى قامالغان ئىكەن. مەزكۇر فىلىمدا لاگېردىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلغان ئىكەن.

دۇنىڭ يەنە بىر دوستىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر دۇنىڭ مەزكۇر فىلىمىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دۇ بىن ئىلگىرى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» ناملىق بىر كىتاب يازغان بولۇپ، كىتاب ئامېرىكىدىكى «ئەينەك كىتابچىلىقى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا بازارغا سېلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇ 31- ماي بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.