خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالامدۇ؟

ئۇيغۇر دىيارىدىن خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان سىياسىي ۋە ئېتنىك پاجىئەلەر نۆۋەتتە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا ئۈندىمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىدىن خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان سىياسىي ۋە ئېتنىك پاجىئەلەر نۆۋەتتە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەردىن باشقا يەنە كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا ئۈندىمەكتە.

18-ئاۋغۇست كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ماقالىدا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى.

ئاندرېۋ سامىت ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالىدە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرى ئاللىقاچان بۇ مەسىلىنى قىرغىنچىلىق ياكى «يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقاندا، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملارنىڭ بىۋاسىتە ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقاندا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىدە كەسكىن بىر مەۋقەنى تاللىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە شەرھلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كەسكىن مەيداننى ئىپادىلىشىدە ئىزچىل مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر ياقلىق قىلىشى بەكمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن. يەنە كېلىپ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى ياكى دەخلى-تەرۇزسىز ھالدا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئاشكارا قارشى تۇرۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ تاللاش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

ئاپتور بۇ جەھەتتە ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا ئۆتكەن ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 46 دۆلەتنىڭ قوللاش ئاۋازى بىلەن ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ «شىنجاڭدا بىر مەيدان مۇستەقىل تەكشۈرۈشى ئۇيۇشتۇرۇش» ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئەمما خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىدا بۇنداق ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق مەلۇم قارارنى بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ توغرىسىدا بىرەر ئېنىق مەۋقەنى تاللىشى بۇندىن كېيىنكى رېئاللىقتا مۇھىم رول ئوينىشى ئېنىق ئىكەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئۈچۈن بەكمۇ ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم بولىدۇ،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org