ئالىي مەكتەپلەردىكى «ئەمگەك» تەشۋىقاتى دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە «ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات باشلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يۈرۈشلۈك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن ئەكبەر تۇرسۇن ئۆزىنىڭ يېقىندا شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ يۈك ماشىنىسىغا شوپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا «كەسپىي تەربىيەلەش» ئارقىلىق باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىپ باي بولغانلىقىنى سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭدا بىز نېمە خىزمەت قىلىشىمىز ياكى قەيەردە خىزمەت قىلىشىمىز پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدا. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ‹شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك داۋام قىلىۋاتىدۇ› دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان» دېگەن.

بۇ قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتىدە سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىردەك ئۆزلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» ئارقىلىق تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئىگىلىكەنلىكى، شۇ ئارقىلىق باقمىچىلىك، باغۋەنچىلىك ياكى دېھقانچىلىق دېگەندەك ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسىپلىرى بويىچە خىزمەت قىلغانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق تەشۋىقاتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ قانۇنغا ئايلىنىش ھارپىسىدا تەشكىللىنىشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشسىز يۈرۈۋاتقانلىقى، ئىشخانىلاردا ئىش بېجىرىدىغان كەسپىي خىزمەتلەرنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىدىن ئاشمايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاختا تېرىشتەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بايانلىرىدا كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغانىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىشى ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغىنىنى ئەسلەتمەكتىكەن.