ئەنەس كەنتەر ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-24
Share

ئ‍ۆتكەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خوڭكوڭ، تىبەت قاتارلىق جايلاردىكى زوراۋانلىقلىرىنى ئاشكارا سورۇنلاردا كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن، شۇنىڭدەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلىگەن ۋاسكېتبول ماھىرى ئەنەس كەنتەر يېقىندا ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

CNBC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-نويابىردىكى تېلېفون زىيارىتى جەريانىدا ئەنەس كەنتەر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ 20-نويابىر كۈنى ئۆلۈم تەھدىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى قورققاق سېلىشلارنى كۆپ كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئادالەتنى ۋە ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىشتەك مەۋقەسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

زىيارەت جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدىكى باياناتلىرىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي «مۇددىئا» غا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت بىگۇناھ ھالدا قىرىلىۋاتقان، ئەمما ئاۋازىنىمۇ چىقىرىشقا ئىمكانى قالمىغان بىر خەلق ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىم سىياسىي پائالىيەت ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش» دېگەن.

ئەنەس كەنتەرنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى قارا تەنلىكلەر، ئاسىيالىقلار ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىن كەلگەنلەرنى ھىمايە قىلىش ھەرىكەتلىرىدە ھەممىدىن بەك سەكرەپ كەتكەن Nike شىركىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە «زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغان». يەنە كېلىپ ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە، شۇنىڭدەك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە شۇ قەدەر باغلىنىپ كەتكەن. دۇنياغا داڭلىق شۇنچە كۆپ ئارتىسلار، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە باشقا چولپانلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ پۇلنىڭ مېھرىدە بۇ ئىشلارنى «كۆرمەس» بولۇۋالغان. شۇڭا ئۇ بۇنداق ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىشقا ئاتلانغانىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت