NBA ماھىرى ئەنەس كانتەر خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىشقا يەنە چاقىرغان

ئامېرىكادىكى بوستون كىلىتلىقلار ۋاسكېتبول كاماندىسىنىڭ ئەزاسى، NBA ماھىرى ئەنەس كانتەر 29-نويابىر فېيسبۇكتا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىشقا يەنە چاقىرىق قىلغان.

ئەنەس كانتەر فېيسبۇكقا يوللىغان ئۇچۇرىدا: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرھال توختىتىلسۇن» دەپ يازغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلىق كۆك بايرىقى، خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى ۋە لاگېرلارنىڭ سىمۋۇلى بولغان قىزىل تىكەنلىك سىمنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئاق، قىزىل، كۆك، قارا 4 خىل رەڭلىك ئوڭ ۋە سول پاي ۋاسكىتبول ئايىغىنىڭ رەسىمىنى قوشۇپ يوللىغان.

بۇ ئەنەس كانتەرنىڭ خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لىرىنى توختىتىشقا تۇنجى قېتىم چاقىرىشى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇچۇرى فېسيبۇكتا زور قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بىر ئ‍ەگەشكۈچىسى ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىزچىل خەلقنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قىلىۋاتقان بۇ قەبىھ رەزىللىكلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا جازا لاگېرلىرىغا قامىشىنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلدى» دېگەن.

ئەنەس كانتەر بۇ ئۇچۇرنى خەلقئارادا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئالغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تېخى ئېلان قىلمىغان، شنداقلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى تېزراق ماقۇللاش توغرىسىدا قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلغان. ئەنەس كانتەرنىڭ ۋاسكېتبول ئايىقىغا يەنە «ئۇيغۇرلارنى قوغدايلى»، «لاگېرلار تاقالسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.