ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى غايىب كىتاب سودىگىرى لى بونىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقسىزلىقىدىن ئەنگلىيەنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىل 30 ‏-دېكابىردىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى لى بو ئەنگلىيە ۋەتەندىشى. مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى لى بو ھەققىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز بىر ئەنگلىيە پۇقراسى ئۈستىدە توختىلىۋاتىمىز، قانۇن-تۈزۈم، شۇنداقلا خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى، ئەنگلىيەنىڭ بۇلار توغرىسىدا سۆز قىلىش ھەققى بار، شۇڭا ھەقلىق ھالدا بۇ ۋەقەگە قارىتا ئەندىشىمىزنى بىلدۈرۈۋاتىمىز.»

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، لى بونىڭ غايىب بولۇش ۋەقەسىنىڭ تېخىچە ئايدىڭلاشماسلىقىنى «ھەممە تەرەپكە زىيانلىق، ئەھۋال قانچە بالدۇر ئايدىڭلاشسا، تەرەپلەرگە شۇنچە پايدىلىق» دېگەن ۋەكىللەر، قانۇن بويىچە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ خوڭكوڭدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي تەرەپنى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.