ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى شى جىنپىڭ كېلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە زىياپەت بېرىدۇ
2015.10.16
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت تىبەت دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى فابىيان خامىلتون، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە چۈشلۈك «غەيرىي رەسمىي دۆلەت زىياپىتى» بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تىبەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «غەيرىي رەسمىي دۆلەت زىياپىتى» دە فابيان خامىلتون، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەھىمە مەخمۇت، شاۋ جياڭ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى دەيۋىد مىفام ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى قارارلاشقان.
پارلامېنت ئەزاسى فابيان خامىلتون، «‹غەيرىي رەسمىي دۆلەت زىياپىتى› بىر بايانات. ئۇ ئەنگلىيەدە بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە سودا مەنپەئەتنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەندىشە قىلارلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى 19-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ.
ئۇنىڭ زىيارىتى يېقىندا ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى ئوسبورن ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
فابىۇيان خامىلتون يەنە، «دەيۋىد كامىروننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھالقىلىق مەسىلە قىلىپ، قاتتىق رەۋىشتە شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا قويۇشى، بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەنپەئەتىمىزگە پايدىلىق» دېگەن.









