ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شاپپس: «سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى»
2024.01.18
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گرانت شاپپس (Grant Shapps) ئەنگلىيەنىڭ كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گرانت شاپپس بۇ سۆزنى 15-يانۋار دۈشەنبە كۈنى لوندوندا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا ئېيتقان. ئۇ، «دۇنيادا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن تىنچلىق ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت دەۋرى ئاخىرلاشتى، ئەنگلىيە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە چېتىلىدىغان بىر قانچە جەڭ مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇشقا كىرىش ئېھتىمالىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.
شاپس، خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئىتتىپاقى تۈزۈپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان، شۇنداقلا بۇنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت بولۇشتىن سىرت، ئىلغار ھەربىي قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىنىڭمۇ بۈگۈنگىچە ئەنگلىيەگە زور زىيانلارنى سالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، ئەنگلىيە ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شاپپس يەنە مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى مۇرەككەپ دۇنيا ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆز ئالدىغا رىقابەتكە تاقابىل تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئەنگلىيە ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرىدۇ، ‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى› نىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىرغا 20 مىڭ ئەسكىرىي خادىم ئەۋەتىدۇ».
ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مانېۋىرنىڭ بىرى بولۇپ، قاتناشقۇچىلار «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» غا ئەزا 30 دۆلەت ۋە شىۋېتسىيەدىن تەشكىل تاپىدىكەن.
شاپپس يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر بىر يول ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىز بۇ يولدا ياكى تۈگىمەس خەتەرگە تەسلىم بولىمىز ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقلارنى قىلىمىز. بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتىن باشقا ئىككىنچى بىر تاللىشىمىز يوق».