ئەنگلىيە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ خىتاي شەخسلىرىگە جازا قويماقچى بولدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.25

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن يېقىنقى تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق خىتاي شەخسلىرىگە جازا يۈرگۈزمەكچى بولغان.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولىۋېر دوۋدېن 25-مارت كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ ھامىيلىقىدىكى تور بۇزغۇنچىلىرىنىڭ يېقىندا ئەنگلىيە سايلام كومىتېتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىليونلىغان ئەنگلىيەلىكنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشىشى ۋە بۇنىڭ ئەنگلىيە دېموكراتىك مۇساپىسىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئەنگلىيە «ئاسمان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 25-مارت بەرگەن خەۋىرىدە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قوللىشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق خىتاي شەخسلىرىگە جازا يۈرگۈزمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت مىنىستىرلىرىنىڭ 25-مارت تور ھۇجۇمى ھەققىدە پارلامېنتتا دوكلات بەرگەندە، پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتاينى قاتتىق جازالاش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە سايلام كومىتېتىنىڭ تورىغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدا تور ھۇجۇمچىلىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىنىڭ 43 نەپەر ئەزاسىنىڭمۇ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىيان دۇنكان سىمىت، لورد ئالتون، ستېۋارت مىكدولاند ۋە تىم لاوۋتون قاتارلىق تۆت نەپەر پالاتا ئەزاسىمۇ بار ئىكەن.

بۇ تۆتەيلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ، دۇنكان سىمىت، لورد ئالتۇن قاتارلىقلار ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ 2022-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخسلەر ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمىنى تېزلەتكەن. خەۋەرلەردە، بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش ھوقۇقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ 25-مارت كۈنى پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى كۈچەيتىلىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىڭتۈەندىن يۆتكەپ كەلگەن باياناتچىسى لىن جيەن «ئەسلىدە خىتاي، تور ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.