ئەنگلىيە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى تېررورچى تەشكىلاتلار قاتارىغا تىزدى

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «ئىسلامى تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى تەشكىلات» دەپ تىزىمغا ئالغان. ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

خەۋەردە بۇنىڭ، ئىزچىل غەرب ئەللىرىدىن ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەمنۇن قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارغا ئۆزى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيەدە جىھادقا قاتنىشىپ پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فاكس ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينىڭ ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ۋە توقۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاتالمىش«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە باغلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئېلان قىلغان يىللىق تېررورىزم دوكلاتىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاپ كەلگەن ھەرىكەتلەردە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلەش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەنگلىيەنىڭ بۇنداق قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز باستۇرۇشىغا باھانە بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىچىدە، خىتاينىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇشىغا نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىدۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭ ئۈستىدىن ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يارايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ باققىنى يوق.»

«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ھازىرغىچە مۇنازىرە ئاستىدىكى بىر مەسىلە.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 2005 يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزمىگەن بولسىمۇ، دىققەت قىلىنىدىغان تەشكىلاتلار قاتارىغا تىزغان ئىدى.