ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گرانت شاپس خىتاينى «رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئەجەللىك قورال ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن ياكى تەمىنلەش ئالدىدا تۇرماقتا» دەپ ئەيىبلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، شاپپس 22-ماي كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە مۇداپىئە ئىستىخباراتى ئورگانلىرىنىڭ ‹خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلىۋاتقان قوراللىق ياردەملىرىنىڭ ھازىر رۇسىيەگە ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىناغا كىرىۋاتقانلىقى› ھەققىدە مەلۇمات بار» دېگەن. ئۇ سۆزىدە «ئۆزىنى مۆتىدىل كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلگەن خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «ئەندىشە قىلارلىق بىر تەرەققىياتلىقى» نى ئېيتقان.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گرانت شاپس (Grant Shapps) 23-ماي پەيشەنبە كۈنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا ئىشلىتىلىدىغان ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىدە ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلىرى بارلىقىنى، ئەمما ئۇنى ئاخباراتلارغا ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نى ئويغىنىشقا ۋە مۇداپىئە راسخوتىنى كۆپەيتىشكە چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«دۇنيانىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ دېگەنلىك بىز كونكرېت پىلان تۈزۈشىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز دېگەنلىك. بۇ بىزنىڭ شېرىك دۆلەتلەر ئارا ھەربىي راسخوتنى ئاشۇرۇپ، تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىشتىن باشلىنىدۇ» .
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى گرانت شاپپسنىڭ سۆزىنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان ھەمدە ئەنگلىيەنى «خىتاينى ئاساسسىز ئەيىبلىدى» دېگەن.
ھالبۇكى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بارغانچە يېقىنلىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمىمۇ ئۆسكەن. خىتاينىڭ رۇسىيەدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش ۋە ئۇرۇشقا كېرەكلىك تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى تەمىنلەش ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى قوللاۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن خىتاينى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ، بۇنداق ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ۋەدە قىلىشقان.