ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. خامموند، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى تەسىرى كۈنسېرى كۈچىيىپ، خوڭكوڭلۇقلاردا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان مەزگىلدە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلدى.
ئۇ جۈمە كۈنى ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدىكى ئەنگىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتىدا قەيت قىلىنغان «ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى بار» دېگەن.
ئەنگىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي خوڭكوڭدا ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىيە، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، خوڭكوڭنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇش، مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىغا چېقىلماسلىق قاتارلىق بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن.
ئەمما ئەنگلىيە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىپ، ئەنگلىيە تەۋەلىكىدىكى خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇش لى بونى تۇتۇپ چىقىپ كېتىشى، ئەنگىلىيە-خىتاي ئاخباراتىنى «بۇزغانلىق» دەپ كۆرسەتكەن.
فىلىپ خامموند جۈمە كۈنى خوڭكوڭ ۋالىسى لياڭ جىڭيىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ھەممە كىشىگە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشىنى، بۇ ۋەقەنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىنى ئىستەيمىز» دېگەن.
خامموند شەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ، ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
