ئەنگىلىيەنىڭ خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان.
ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ ئىككى خىتاي شىركىتىدىن سېتىۋالغان 275 مىڭدىن ئارتۇق ئايرىم تور ئارقىلىق ئەنگىلىيەلىكلەرنى نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىۋاتقان بىخەتەرلىك كامىرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 جازا لاگېرىغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بايقالغان.
خەۋەردە بۇ كامېرالارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن داخۇا تېخنولوگىيە گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئەنگىلىيەنىڭ دۇنيادىكى خىتاي ئىشلەپچىقارغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئىشلىتىدىغان 4-چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەيكاڭ شىركىتى بىلەن دۇخۇا گۇرۇھى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقۇرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈشىگە ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدۇر. بۇ ئىككى شىركەت 2020-يىلى ئامېرىكانىڭ سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
«يەكشەنبىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكادىكى IPVM ناملىق بىر تور بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ئورۇن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ رايوندىكى جازا لاگېرلىرىنى مەخپىي سىنغا ئېلىپ چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان خىتاي پائالىيەتچىسىنىڭ سىنلىق سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق 5 لاگېردىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ ئەنگىلىيە ئىشلىتىۋاتقان خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.