ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورس جونسون ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان

«سىياسەتچى» (Politico) ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى بورس جونسون ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىش سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشى. شۇنداقتىمۇ مەن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارنى ئىنتايىن يىرگىنچلىك دەپ قارايمەن. ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. 12-يانۋار، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب ناھايىتى ئېسىل بىر باياناتنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا ˃ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيەنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق سودىسىنى چەكلەش تەدبىرى ئالدى˂دېيىلگەن».

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىدىكەن.