ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خىتاينى «شىنجاڭدىكى باستۇرۇش سىياسىتى» نى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.24

ئەنگلىيەنىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى رىتا فرەنچ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-قېتىملىق يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. رىتا فرەنچنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى تەۋسىيەلىرىنى چوقۇم ئىجرا قىلىشى ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك» ئىكەن.

رىتا فرەنچ بۇ چاقىرىقنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 22-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 52-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئومۇمىي مۇنازىرە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىغىندا خىتاي ۋەكىلى مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى توختىتىشقا چاقىرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيساغا كاشىلا قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رىتا فرەنچ باياناتىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى، مىسىرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا پەرۋا قىلماسلىقى چوڭقۇر ئەندىشە قوزغايدۇ، بىز ئۇلارنى تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىمىز» دېگەن.

رىتا فرەنچ يەنە ؛ «بولۇپمۇ خىتاي چوقۇم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئ‍الى كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان شىنجاڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئىجرا قىلىشى، خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. رىتا فرەنچنىڭ باياناتى ئەنگلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت تۇتۇشىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كونكرېت تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.