ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا سوت ئارقىلىق ئېتىراپ قىلدۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەيدىكەن
2023.03.30
ئەنگلىيەدىكى ئىككى ئاساسلىق پارتىيەنىڭ بىرى بولغان ئەمگەك پارتىيەسى ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى خەلقئارا سوت ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاشنىڭ قانۇنىي يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمگەك پارتىيەسى ئۆكتىچى كابىنېتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى داۋىد لاممى (David Lammy) «پولىتىكو» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئەمگەك پارتىيەسى كېيىنكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغان تەقدىردە، بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قىلىپ، خەلقئارا سوتتا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز».
2021-يىلى ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانىدى. ئەمما ھۆكۈمەتتە بۇ ئېتىراپ قىلىنمىغان.
داۋىد لاممى «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ (POLITICO) سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ھۆكۈمەت قۇرغان تەقدىردە بۇ مەسىلىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› تونۇيدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
«بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قىلىمىز. پارلامېنت ئىلگىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىپ بولغان. خەلقئارا جەمئىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ».
«پولىتىكو» گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىمنى زىيارەت قىلغان، رەھىمە خانىم داۋىد لاممىنىڭ سۆزلىرىنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى كونسېرۋاتىپ ئەزالار گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلسىمۇ ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرغىچە ئەمەلىي ئىش قىلمىغانلىقىنى ھەتتا بۇ زۇلۇمغا مۇناسىپ ئىسىممۇ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، داۋىد لاممى يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلىرى ئارقىلىق كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭمۇ يولىنى قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن كېيىنكى مۇھىم كۈن تەرتىپىنىڭ بىرى بولىدىكەن.