لوندوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتراپىدىكى يولغا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان نام بېرىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.04.09

ئۆتكەنكى خەۋىرىمىزدە، لوندوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان توۋېر خاملېتس رايونى شەھەر كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارغا «ئۇيغۇر سەيناسى، خوڭكوڭ يولى» دېگەندەك ناملار بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدۇق.

2018-يىل خىتاي لوندون مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان زاۋۇت بىناسىنى 250 مىليون فوند ستېرلىڭغا سېتىۋېلىپ، ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلچىخانا سالماقچى بولغان. ئەمما خىتاينىڭ خوڭكوڭنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرى، بولۇپمۇ توۋېر خاملېتس رايونى ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارشى چىققان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان رابىنا خان ئۆتكەن ھەپتە بىر تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى جايلىشىدىغان كەبىل كوچىسىنىڭ فاشىزم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان تارىخىي بىر جاي ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ يەرگە جايلىشىشىغا قارشى چىقمىسىمۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

توۋېر خاملېتس رايونى شەھەر كومىتېتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى يول ۋە قۇرۇلۇشلارغا «تيەنئەنمېن مەيدانى، ئۇيغۇر سەيناسى، خوڭكوڭ يولى، تىبەت تېغى» دەپ نام بېرىش توغرۇلۇق بېلەت تاشلىغان. يېقىندا يەنە مەزكۇر شەھەر رايونى كومىتېتى بۇ تەكلىپنى قوللايدىغان 700 پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇۋالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.