ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» خىتاپنامىسىنى ئاۋازغا قويىدۇ

2021.04.14

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 22-ئاپرىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر خىتاپنامىنى ئاۋازغا قويىدىكەن. ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىتاپنامىنى سۇنغۇچىلار ئاۋام پالاتاسىدىكى ھەر قايسىي پارتىيەلەردىن بولغان 3 دەن 2 قىسىم ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىشى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. ئەگەر بۇ خىتاپنامە ماقۇللانسا، ئەنگىلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان 4-دۆلەت بولۇپ قالىدىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاپنامىدە «ئاۋام پالاتاسى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ،» دېيىلگەن، شۇنىڭدەك ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە باشقا خەلقئارا قانۇنىي ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاپنامىنىڭ ھۆكۈمەتنى مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، بىراق كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلدى، دەپ ئەيىبلىشىنىڭ دىپلوماتىك ۋە ئەخلاقىي تەسىر كۈچى زور بولىدىكەن. خەۋەردە ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدا كوللىكتىپ قارار چىقىرىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىڭ بارلىقىنى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 2016-يىلى نۆلگە قارشى 278 ئاۋاز بىلەن «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ يەزىدىلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.