ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى
ئەنگلىيەنىڭ BBC تېلېۋىزىيەسى يېقىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە بىر ۋىدېئولۇق خەۋەر تارقىتىپ زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-08 -
-
-
ئەنگلىيەنىڭ BBC تېلېۋىزىيەسى يېقىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە بىر ۋىدېئولۇق خەۋەر تارقىتىپ زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.
خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ بولسا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ سۆزىدە: «ھۆكۈمەت بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلار خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ بالىلىرىنى كۆرەلەيدۇ» دېگەن.
بۇنىڭ بىلەن BBC پروگرامما رىياسەتچىسى ئۆزلىرىنىڭ پەقەت بىر قېتىمدا 400 ئائىلىنىڭ بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «ئەگەر شۇنداق بالىلار بولسا سىز ماڭا ئىسمىنى بېرىڭ، مەن ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ سىزگە دەپ بېرەي» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.
BBC دە تارقىتىلغان «خىتاي، مېنىڭ بالىلىرىم قەيەردە» ماۋزۇلۇق پروگراممىنى مۇخبىر جون سادۋورس تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قالغان ۋە يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا ئىشلىگەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. گەرچە ئۇ بۇ ئاتالمىش «يەسلىلەرگە» كىرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىدەك «يەسلى» ئەمەسلىكى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتى يېپىق ھالەتتە «تەربىيەلىنىدىغان» جايلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدىمۇ يالغانچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىراق ھەقىقەتلەر توختىماي ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.
يېقىندا ئامېرىكا «ۋايس خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرى «ئىسابېللا يوڭمۇ خوتەندىكى زىيارىتىدە يېتىم بالىلار يىغىۋېلىنغان ۋە يەسلى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ جايلارنىڭ دەرۋازىسىدىن ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقمىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ پروگراممىسىدا «شىنجاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ۋە مۇشۇنداق يېتىمخانىلار ئارقىلىق زور كۆلەملىك بىر ئۆزگەرتىپ ياساش لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىدا شەك يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشمەسلىكى، ئۇلارنى تاكى بىردىن-بىر كىملىكى خىتاي بولۇپ چىققۇچە، ئۆز يىلتىزىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋە ھەتتا ئائىلىسىدىن قومۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. . .» دېگەنلەرنى بايان قىلغان ئىدى.