ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 44 نەپەر ئەزاسى ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، ئەنگلىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خېتىدە كۆپلىگەن دەلىللەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر خەتنى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى پرىتى پەتىل قەلەمگە ئالغان. ئۇنىڭغا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى، ئىشچىلار پارتىيەسى، يېشىللار ۋە شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسى قاتارلىق 4 پارتىيەنىڭ 44 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان.

ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ «خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئېلان قىلىشى» تەلەپ قىلىنغان. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئالىستېر كارمېكال: «ئەنگلىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كەچمىشىنى ئىسپاتلىشى ھاجەتسىز. چۈنكى، دەلىللەر ناھايىتى ئېنىق. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تەدبىر قوللىنىپ، ھوقۇقىنىڭ قەبىھلەرچە باستۇرۇلۇشىدىن قېچىپ كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى ياۋروپادا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ياۋروپادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ شۋېتسىيەنى ئۈلگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا سەۋەب بولغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت