ئەنگلىيە ئاممىۋى سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈلگەنلىكىگە دائىر ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرمەكچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.03

ئەنگلىيە ئاممىۋى سوتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەن ياكى يۈرگۈزمىگەنلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففرېي نىس مۇستەقىل سوت كوللېگىيىسى تەشكىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» كە ياتىدىغان ياكى ياتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن.

كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان بۇ سوتتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. گەرچە بۇ ئاممىۋى سوت ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان ئاممىۋى سوت بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىدا جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

بولۇپمۇ ئادوۋكات جېففرېي نىسنىڭ سابىق يۇگۇسلاۋىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى سلوبودان مىلوشېۋىچنىڭ بالقان ئۇرۇشى سەۋەبلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا جازالىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىر ئادوۋكات بولۇشى بۇ دەۋانى يەنىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ھەرقايسى خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى.

بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتنى تەپسىلىي خەۋەرلەر سەھىپىمىزدە داۋاملىق ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.