ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى لەيلا موران خىتايغا ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى لەيلا موران، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راابنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئېمبارگونى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى لەيلا موران، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راابنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئېمبارگونى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ چاقىرىقنى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 26-سېنتەبىر ۋىدېيودا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنىدا تەكىتلىگەن. ئۇ: «تارىخ بىزگە قاراۋاتىدۇ، دۇنيا ئەڭىلىيەگە قاراۋاتىدۇ. خەلقئارا جامائەت ئورنىدىن تۇرۇشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك،» دېگەن.

لەيلا موران يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنىڭغا قىزىقىۋاتىمەن، دومىنىك رااب پويىزدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئېلىپ مېڭىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردىمۇ؟ مەن ئۇنىڭ كۆرمىگەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. بۇ شۇ سوالنى ئەقلىمىزگە سالىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ كۆرمەسكە سېلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن جازالىنىشتىن قاچقان ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلمەيدۇ؟» لەيلا موراننىڭ تەكىتلىاشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلىشى ۋە «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ يەنە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى باشقا سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن بىرگە بدت نىڭ رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، بدت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەركىن كىرىشىگە يول قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رااب ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا، ئەڭىلىيەنىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىلىپ كەلگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org