ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى
2020.11.13
ئەنگلىيە دۆلەت مىنىستىرى نىگېل ئادامس ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى تەلەپپۇز قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 12-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا تەكىتلىگەن. ئۇ يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. يىغىندا ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى تەنقىدلەنگەن.
يىغىندا ئاۋام پالاتا نۇسرەت غەنى، ئەنگلىيەگە دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر «خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلاۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا قاراشلىق مىنىستىرلىقنىڭ شۇنداق قىلىشىغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغان. نىگېل ئادامس ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق دەلىل ئىسپاتنى ئويلىشىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇنىڭ بۇنداق بىر دەلىل ئىسپاتى بولسا ئۆزلىرىنى تەمىنلەشكە ئۈندەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى ساراھ ئوۋېن، خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئېنىقلاش ئىشى قانداق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ماگنىتىسكىي قانۇنىنى قاچان ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىغان. نىگېل ئادامس بولسا خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈپ، «ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىشنى داۋاملىق ئويلىشىۋاتىمىز. لېكىن ئويلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى تەلەپپۇز قىلىش مۇۋاپىق بولالمايدۇ» دېگەن.