ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر» ئىرقىي قرىغىنچلىقى «غا بولغان ئەندىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-20
Share

ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى جوئان فىنلېي سىمىس خانىم» ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقات ژۇرنىلى «دا ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى تەتقىقاتچى، پائالىيەتچى سىياسىيون ۋە ئادۋوكاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «يۈرگۈزۈۋاتقانلىق ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەندىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى كۈچەيگەن.

دوكتور جوئان فىنلېي سمىس خانىم ئۆزىنىڭ» تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلماقتا «ماقزۇلۇق ماقالىسىدە، بۇ كرىزىسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرغان. تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ نېمە ئۈچۈن» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «دېگەن سۆزنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىغا چۈشەنچە بەرگەن.

ئۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا» ئىرقىي قىرغىنچىلىق «يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن بۇ قاراشنىڭ كۈچىيىشىگە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى، لاگېرلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىشى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازىيىشى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن مەھرۇم قېلىنىشىدەك پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جوئان فىنلېي سىمىس خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىك مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن يادرولۇق ئامىل بايلىقى مول بۇ رايوننىڭ سىياسىي تالاش-تارتىشتىكى ئورنى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.