ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپ پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى تىم لوۋتون، ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. تىم لوۋتوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتە «تېخىمۇ ئىلگىرلەپ مېڭىشى كېرەك» ئىكەن.
تىم لوۋتون بۇ سۆزلەرنى 21-نويابىر كۈنى ئەنگىلىيە «GB خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشتە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ھەرىكەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بېرىش كېرەك ئىكەن.
تىم لوۋتون ئىنتايىن قاتتىق رەۋىشتە ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا شەرت قويۇشىمىز كېرەك،» دېگەن. ئۇ يەنە ئەنگىلىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان ھۆكۈمەتلەر بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىماسلىقى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.
تىم لوۋتون ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەگەك مەھسۇلاتلىرىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانىلارغا چەكلىمە قويۇشتا قانداق ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقى، مەزكۇر رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىلىرىغانلىقىغا دائىر گۇمان بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان ۋەھشىلىكلىرىگە قارشى «تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن قەدەملەرنى ئېلىشى كېرەېكلىكى» نى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئۇنىۋېرسال سودا قامىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى» ئىكەن.
