ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلار ئىنتايىن كۈچلۈك»

2020.12.17

ئەنگىلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلارنىڭ ئىنتايىن ئىشەنچىلىكلىكىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى نىگىل ئادامس ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار ئىنتايىن ئىشەنچلىك. بۇ ئىسپاتلار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.»

نىگىل ئادامس يەنە يېقىندا ئاز دېگەندە يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي پاختا تېرىشقا سېلىنغانلىقى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، خەلقئارادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ مانا مۇشۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى پاختىلارنى خام ئەشيا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇتلارنىڭ ھازىر دۇنيا بازىرىنى ئىگىلىگەن بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىماقتا. بۇ دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق ھەققىدە خەلق ئاممىسىغا چاقىرىق قىلىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتلەرنى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.