تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ھەربىي خادىملارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلغا بومبىلىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلدى
2016.02.17
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ھەربىي خادىملار ئولتۇرغان ئىككى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. چارشەنبە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇمدا ھازىرغىچە 28 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم بۇ ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىل ئەنقەرەنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدا قىزىل چىراقتا توختاپ تۇرۇۋاتقاندا ئېلىپ بېرىلغان. بومبىلىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە بۇ ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي ئوت ئىچىدە قالغان. پارتلاشنىڭ شىددىتى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ھېس قىلىنغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تېررورچىلار يول بويىدا توختىتىپ قويغان بىر بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى تېزگىنەك بىلەن پارتلىتىش ئارقىلىق ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ جاكارلىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بېريۇسسىلغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى بىكار قىلغان. جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئەزەربايجانغا قىلماقچى بولغان رەسمىي زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھۇجۇمنى پ ك ك تېررور تەشكىلاتى دەپ ئاتىلىدىغان كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ياكى دائىش تېررور تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى ھەققىدە پەرەزلەر مەۋجۇت. ئەمما ھازىرچە ھېچقايسىسى ھۇجۇمنى تېخى ئۈستىگە ئالمىغان.
ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىن ھال سورىغان ۋە تېررورچىلارنى ئەيىبلىگەن بايانلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.









