خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشى خەلقئارا جامائەتچىلىكتە گۇمان پەيدا قىلماقتا

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېينىڭ 10-نويابىر كۈنى ئىنتېرپول، يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلىنىشى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

ئۇلار بىردەك، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئوخشىمىغان سىياسىي پىكىردىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ھەققىدە ئىنتېرپولنىڭ بېشىنى ئەڭ كۆپ ئاغرىتقان بىر دۆلەت. خىتاينىڭ ساقچى سىستېمىسى ئۈچۈن جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش «قوشۇمچە»، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكىنى ساقلاش «ئاساسلىق» ۋەزىپە بولۇپ كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئىنتېرپولنىڭ ئىجرائىيە ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشى ھەممىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دەپ قارىماقتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر 190 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ب د ت دىن قالسىلا خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات ھېسابلىنىدىكەن.

بوشۈن تورى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىق پۇلىنى كۆپەيتىپ تۆلەش، ھەتتا ئىئانە ياكى ياردەم قاتارىدا زور سوممىلىق پۇل تەقدىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئىنتېرپولنىڭ يىللىق خامچوتى 78 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن باشقا يەنە، بۇ تەشكىلاتقا تەقدىم قىلىدىغان ھەدىيە پۇلى پەلەمپەيسىمان كۆپەيگەن. كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭنىڭ ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زادى قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكى غەرب جامائەت پىكرىدىكى بىر قىزىق تېما بولۇپ قالدى، دەپ قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.