ئەردوغان بىلەن ئوباما ئانتاليادا كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.11.15


تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىدىكى ئانتاليا شەھىرىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى باشلاندى. مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئانتالياغا كەلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەدورغان تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنىپ، ئىككى رەھبەر ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تۈركىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوبامانى قىزغىن قارشى ئالغان تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلەشكەندە، ئۆزىنىڭ پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت باراك ئوباما ئەردوغان بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا 13 - نويابىر كۈنى فرانسىيىدە ۋە بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ،بۇرمىلانغان ئىدېئولوگىيىگە ئاساسلىنىپ، ھېچ گۇناھسىز ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش، يەنى بۇ پەقەت فرانسىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم ۋە تۈركىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپلا قالماستىن بەلكى پۈتۈن مەدەنىيەتلىك دۇنياغا قىلىنغان ھۇجۇم، دېگەن.

پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئەردوغان دائېشقا قارشى سۈرىيەدىكى كۈرەش ۋە بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان شۇنىڭدەك بۇ ساھەدە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.