تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.05.16

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 16-ماي كۈنى ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 16-ماي چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننى كۈتۈۋالغان، ۋە ئىككى دۆلەت باشلىقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ س ن ن تېلېۋىزىيەسى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ باياناتىدا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستلۇق ھەمكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «بىزنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر دوستلۇق ھەمكارلىقىمىز بار، بىز بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىمىز.شۇڭا بىز كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم مۇزاكىرىلەردە بولىمىز» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان ۋە تۈركىيەنىڭ 1950-يىللاردىكى كورېيە ئۇرۇشىغا ئامېرىكىنى قوللاپ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.

خەۋەرلەردە يەنە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ئېيتقان سۆزىدىكى «بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈكسىلىشكە يول ئاچىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا زىيارىتىدىكى مەقسىتى قىزىقىش قوزغاۋاتقاندا، خەلقئارا تاراتقۇلاردا يەنە پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىمۇ دىققەت نۇقتىسى بولدى.

«ۋاشىنگتون ئىگزەمىنېر» يەنى «ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچىسى» گېزىتى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغانننىڭ «بىز سۈرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى ھۆكۈمرانلىقى رايونلىرىدا ئامېرىكىنىڭ كۇرد قوراللىق كۈچلىرى يەنى ‹كۇرد خەلق قوغدىغۇچى ئەترىدى› YPG نى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە قوشۇلمايمىز» دېگەن سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنىپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.