خىتاي ئاخباراتى ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بېرىلگەن كاپالەت» دەپ باھالىدى

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2-ئىيۇل كۈنى خىتايغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تىلغا ئالمىغانلىقى سەۋەبلىك تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن قىلغان بىر سۆزىدە: «مەن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن سەزگۈر بولغان بۇ مەسىلىگە بىر چارە تاپىمىز، دەپ ئويلىغان ئىدىم» دېگەن.

CNN نىڭ بايان قىلىشىچە، ئەردوغاننىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل ياردەمچىسى ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، تۈركىيە ئاخباراتلىرى ۋە خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ھەرقانداق شەخسنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ قەتئىي ھالدا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا «شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان پاكىت» دېگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە 8-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق خىتايغا كاپالەت بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئىشى ۋە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھەققى يوق. ئەردوغاننىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى سوئاللارغا قايتۇرغان جاۋابى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە بېرىلگەن كاپالىتىدۇر. . . تۈركىيەنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى سوئاللارغا ئارىلاشماسلىقى ئۇنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق. شۇنداق قىلغاندىلا تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدا ئالالايدۇ» دېگەندەك سۆزلەر ئورۇن ئالغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 2-ئايدا ئاخىرى سۈكۈتىنى بۇزۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا سولاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر زور نومۇس» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ھالبۇكى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىملىق بايانلىرىنى بولسا بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى «خىتاينى تەنقىد قىلغان بىردىن-بىر مۇسۇلمان دۆلەت رەھبىرى ئەردوغانمۇ خىتايغا تېز پۈكتى» دەپ خەۋەر قىلدى.