ئەرەب دۇنياسى رەھبەرلىرى بېيجىڭغا جەم بولدى

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى يىللاردىن بۇيان ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان ئامىللاردىن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھال تېخىمۇ روشەن ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنياغا ئاشكارا بولغاندىن بۇيان بۇ ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ كەلمەكتە.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىزچىل تۈردە غايەت زور ئېنېرگىيەگە موھتاج بولۇۋاتقان ھەمدە ئەرەب دۇنياسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ «قانچىلىك مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى» نى پەش قىلىشتا ھېچقاچان ئىككىلىنىپ قالمىغان: ئۇلار يېقىندا ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرمىچىلىك قىلغان بولسا، نەچچە ئون يىللاپ پەلەستىن داۋاسىنى قوللاش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ مايىللىقىنى ئۇتۇپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا پەلەستىندىكى «خاماس» ۋە «فاتاخ» گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدا «سەمىمىي سۆھبەتنىڭ بولۇشى» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ خىلدىكى «دوستلۇق رىشتى» نىڭ بىر يېڭى پەللىسى 29-مايدا شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب دۇنياسى رەھبەرلىرىنى بېيجىڭغا جەم قىلىشىدا يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتكەن. 30-مايدا رەسمىي باشلىنىدىغان بۇ قېتىملىق يىغىندا شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئەرەب رەھبەرلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە «دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىش» ھەققىدە سۆز قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن ھېسابلىنىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، تۇنىس قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بۇ قېتىمقى خەلقئارا مۇنبەرگە جەم بولغان بولۇپ، بۇلار بىردەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇنبىرىدە خىتاينى ھىمايە قىلىپ ئاۋاز بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئەھمەد ئابدۇھ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق ‹ئامېرىكا ھەرقاچان ئىشەنچسىز يۆلەك› دېگەن ئۇچۇرنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتە» دېگەن.