ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 29-مارت كۈنى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «نېگىزلىك قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسىنى ماقۇللىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ 28 يىلدىن بېرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، 23-ماددىنىڭ ماقۇللىنىشى مەزكۇر رادىيونىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى ۋە ئىشخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن. لېكىن باياناتتا رادىيونىڭ پىرېزىدېنتى بەي فاڭ، خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانا تاقالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھۆكۈمەتكە تىزىملىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچىسى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. خوڭكوڭ ئىلگىرى ئاسىيادىكى ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ قورغىنى، دەپ قارىلىپ كەلگەن، بۇ ئالاھىدىلىك خوڭكوڭنىڭ خەلقئارا پۇل -مۇئامىلە ۋە ئاخبارات مەركىزى بولۇشىغا تۈرتكە بولغانىدى.
لېكىن خوڭكوڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ «نېگىزلىك قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسى ئاساسىدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» نى ماقۇللىشى، خوڭكوڭ ئاخبارات مۇھىتىدىكى ئەنسىزلىكنى كۈچەيتكەن. بۇ نىزام خوڭكوڭدا يېڭى جىنايەت تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالىشى، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا يېڭى ھوقۇقلارنى بەرگەن.
خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نىزامىدا «تاشقى تەھدىت» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۇقۇمىغا خىتايغا ئوخشاش كەڭ ھەم مۈجمەل ئېنىقلىما بېرىلگەن، دەپ قارالماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2015-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ماقۇللىغان «رادىكاللىقنى تۈگىتىش نىزامى» دىمۇ دىنىي رادىكاللىققا كەڭ ھەم مۈجمەل ئېنىقلىما بېرىلىپ، بۇ، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يول ئاچقانىكەن.